|
![]() زۇڭتۇڭ مىدۋىديىۋ ئۇنۋىرستىتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋلادىمىر پولياكوف ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى سۇئال سوراپ زۇڭتۇڭنى مەڭدىتىپ قويدى. مىدۋىديىۋ دەسلەپ:« سەن ھاياتىڭدىكى ئەڭ جەسۇرلۇقىڭنى كۆرسەتتىڭ دەپ ئويلايمەن»دەپ چاقچاق قىلدى ۋە ئارقىدىنلا:«ئېنىق جاۋاپقا ئىرىشىشنى ئويلىساڭ،ئەلۋەتتە ئىدىيەم ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازىمەن.مەن ھىچنەرسىدىن قورقمايمەن.بولمىسا زۇڭتۇڭ بولماستىم»دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ يەنە:« مەن 46 ياشقا كىردىم،تەكرار زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىم مۇمكىن، چۈنكى مەن ھىچقاچان تەكرار زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايمەن دىمىدىم»دىدى. زۇڭلى پۇتىنمۇ كومسىك شەھرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى.ئۇ مۇنداق دىدى:«بىز ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز،بىزدە دىكتاتۇرا يوق،بىزدە ئەركىن كاپىتال بار.» ئۇ يەنە ۋاشىنگىتوننى ئىتتىپاقداشلىق مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە قۇل بولىدىغان دۆلەت ئىزدەۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى. (تەھرىر:پەنجىر) |


