ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 300 مىڭ نامرات ئازايتىلىدۇ
ۋاقىت: 2012-01-12 20:15مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى يوللىغۇچى: پەنجىر ئاۋاتلىقى:
|
لى خۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز 2011 – يىلى 31 – دېكابىر يۆلەش – ئېچىش تۈرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2012 – يىللىق ئومۇمىي نىشان، ۋەزىپىلەرنى بېكىتتى. بېكىتىلگەن ئومۇمىي نىشان، ۋەزىپىلەر: 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 300 مىڭ نامرات ئازايتىلىدۇ، 370 كەنتتە نامراتلارنى كەنت بويىچە يۆلەش يىرىك پىلانى يولغا قويۇلىدۇ، 200 مىڭ نامرات دېھقان – چارۋىچى تەربىيەلىنىدۇ؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 600 يۈەن كۆپەيتىلىپ، كىشى بېشى مالىيە كىرىمى ۋە كىشى بېشى GDPنىڭ ئېشىش مىقدارى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇلىدۇ.
يىغىندا يەنە مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدە ‹‹بەش چوڭ قۇرۇلۇش››نى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ: يەنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئالاھىدە نامرات رايونلارنى مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇپ يۆلەش – ئېچىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ چېگرا رايوندا يۆلەش – ئېچىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىلىرى شىنجاڭدىكى 32 چېگرا ناھىيەدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىق رايونلاردىكى ئالاھىدە نامرات كەنتلەردە يۆلەش – ئېچىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ 2012 – يىلى 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، مەخسۇس تۈزەشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئون يىلدا 299 تاغلىق رايوندىكى ئالاھىدە نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىليون نامرات ياشنى تەربىيىەلەش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يىرىك پىلانغا ئاساسەن 1 مىليون نامرات ياش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ؛ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان تۈرتكە قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بىر تۈركۈم كەسىپلەرنى يۆلەپ، كەسىپ تېرىكى ئارقىلىق نامرات دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشۇرۇلىدۇ.
نامراتلارنى يۆلەش بويىچە توققۇز تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ: يەنى، تۆۋەن مەھسۇلاتلىق 100 مىڭ مو يەر ئۆزگەرتىلىدۇ؛ 30 مىڭ يۈرۈش ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ؛ 30 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ؛ 10 مىڭ ئائىلىنىڭ قوتان سېلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ؛ 500 مىڭ مو ئەلا سورتلۇق مېۋىلىك كۆچەت ئۇلاپ كۆپەيتىلىدۇ؛ ئائىلە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان 50 مىڭ ئائىلىگە ياردەم بېرىلىدۇ؛ 300 مىڭ تۇياق چارۋا، 1 مىليون ئۆي قۇشى سېتىۋېلىنىدۇ؛ 20 مىڭ قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىگە ياردەم بېرىلىدۇ.
(تەھرىر:پەنجىر) |