ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەر > دىيارىمىز >

شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش››خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاقىت: 2012-01-12 20:11مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى يوللىغۇچى: پەنجىر ئاۋاتلىقى:

ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش››خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
 

مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – يانۋار چاقىرىلغان مەملىكەتلىك 25 – قېتىملىق ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىللىق ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جىڭ خەييەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېينىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇردى: بىرىنچى، سىياسى خاراكتېرلىك، دىن تۈرىدىكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، نەشر بۇيۇملىرىنى باسىدىغان، كۆپەيتىدىغان كارخانىلارنى تۈپ نېگىزىدىن باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، نەشر بۇيۇملىرىنى توشۇش ھالقىسىدا تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› (قانۇنسىز ياسالغان، قانۇنسىز تارقىتىلغان، قانۇنسىز سېتىلغان) كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈچى يوق (يەنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى، ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە كودى يوق) ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار (ئاساسلىقى تور تېلېۋىزور تايىقى ۋە ئوقۇش قەلىمى)نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ بەشىنچى، ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش››نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 

(تەھرىر:پەنجىر)

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ
Copyright © 2011 Apandim.com 阿凡提新疆门户网版权所有   不良信息举报: 18999100114
ئىلاۋە: بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدى دەپ قارىسىڭىز دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز
بارلىق ھوقۇق ئەپەندىم تور بىكىتىگە مەنسۈپ TEL: 0991 - 2506138
新ICP备10201308号-3