ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەر > دىيارىمىز >

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى

ۋاقىت: 2012-01-12 20:07مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى يوللىغۇچى: پەنجىر ئاۋاتلىقى:

جەي شاۋيۇڭ
 
   ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە شىنجاڭدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پىلاندىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى 510 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 تىرىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭدا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەز كارخانىلىرى ئىلگىرى شىنجاڭ سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالغانىدى، بۇ كارخانىلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تايانچ كۈچى ۋە ئاساسىي قوشۇنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كارخانىلاردىن بولۇپ قالغۇسىدۇر.
   بۇلتۇر 20 – ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن زېمىن بايلىقى كومىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىشىغا قاتنىشىشى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تەلىپى، شۇنداقلا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدۇر. كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
   كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى، كەسىپ ئۈستۈنلۈكىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم تۈۋرۈك كەسىپ، ئەۋزەل كەسىپ ۋە ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يەنە شىنجاڭنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەبلىغى، تېخنىكىسى، ئىختىساس ئىگىلىرى، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇلۇش باشلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلىرىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ۋە ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى سىجىل تەرەققىي قىلىش›› نىشانىغا يېتىپ، يېڭى تىپتىكى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يىرىكلىكتىن كۆجۈملىشىشكە، سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنى مىقدارنىڭ ئېشىشىدىن سۈپەتنىڭ ئېشىشىغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.
   كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئامىللارنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار: رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ئېكولوگىيەنىڭ ئاجىزلىقى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ يېتىشمەسلىك، ئاساسىي ئەسلىھەلەر تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەز كارخانىلىرى ئاساس قىلىنغان كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەل رايون، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئاۋۋال ھالقىما شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىلىق، يېڭى ئەۋزەل رايون، ئەۋزەل كەسىپ ۋە ئەۋزەل كارخانىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخنىكا بىلىدىغان، باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زاپاس كۈچ تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك
   ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ماكانلاشقان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم يۆلەش، ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتىدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى %70تىن ئاشتى، ھەر مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ياش ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىغا زور ھەسسە قوشۇلدى.
 
   ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، مەركەز كارخانىلىرى تۆمۈر يول، تاشيول، خەۋەرلىشىش، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر، نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، ئېلېكتېر ئېنېرگىيەسى، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە يېتەكلىدى. شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان 44 مەركەز كارخانىسىنىڭ 25 ى شىنجاڭدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئالدى، توختام ئومۇمىي سوممىسى 112 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 39 مەركەز كارخانىسى ئېچىش تۈرلىرىگە كۈچەپ مەبلەغ سالدى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 409 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا ماكانلاشقان مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا مەدەنىيەت، مائارىپ، مۇھىت، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي كەسىپلەر قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىئانە قىلىش ۋە نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمەتلىرىنى پائال قانات يايدۇردى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سالدى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ماكانلاشقان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان خالىس ياردەم سوممىسى 3 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن زېمىن بايلىقى كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت خاتىرىسى›› ئىمزالىدى، مەركەز كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ۋىلايەت(ئوبلاست)، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، تۈەنلىرى ۋە يەرلىك كارخانىلار، بىڭتۈەن كارخانىلىرى بىلەن ‹‹تۈر قۇرۇلۇشى كېلىشىمنامىسى›› ئىمزالىدى، جەمئىي 88 تۈر ئىمزالاندى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي مەبلەغ 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى قوغداش ئۈچۈن...
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ چوڭ بازا، بىر يول، ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى››نى چۆرىدىگەن ھالدا قۇرۇلۇش قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇشىمىز، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
   مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويىمىز. كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ سۇبيېكتى كارخانىلار، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدىغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدۇر. بىز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى ۋە شىنجاڭدا راۋاجلىنىشىغا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشىمىز، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشىمىز، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 

(تەھرىر:پەنجىر)

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ
Copyright © 2011 Apandim.com 阿凡提新疆门户网版权所有   不良信息举报: 18999100114
ئىلاۋە: بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدى دەپ قارىسىڭىز دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز
بارلىق ھوقۇق ئەپەندىم تور بىكىتىگە مەنسۈپ TEL: 0991 - 2506138
新ICP备10201308号-3