ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەر > دىيارىمىز >

ئۈرۈمچىدە بۇ يىل مېترو ياسىلىدۇ

ۋاقىت: 2012-01-09 23:11مەنبە: تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: پەنجىر ئاۋاتلىقى:

يېڭىلا يېپىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى (كېڭەيتىلگەن) دىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو (يەر ئاستى تۆمۈريولى) سىناق بۆلىكىدە 2012-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.
   ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما يىلېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 211.9 كىلومېتىرلىق ئۈرۈمچى رېلىس قاتنىشى كەلگۈسى لىنىيە تورى جەمئىي يەتتە تال تارقىلىشسىمان لىنىيەدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ لىنىيەلەر ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئومۇمىي گەۋدە پىلانىنىڭ تەلىپى ۋە پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى قاتناش ئېقىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن ئىكەن، پىلان بويىچە، يەنە سەككىز يىلدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققىي قىلىپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 4 مىليونغا يېتىدىغان، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىدىكەن، تېز ھەم قولايلىق شەھەر ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى قۇرۇلۇشى شەھەردىكى كىشىلەر ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھېسابلىنىدىكەن.

 

(تەھرىر:پەنجىر)

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ
Copyright © 2011 Apandim.com 阿凡提新疆门户网版权所有   不良信息举报: 18999100114
ئىلاۋە: بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدى دەپ قارىسىڭىز دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز
بارلىق ھوقۇق ئەپەندىم تور بىكىتىگە مەنسۈپ TEL: 0991 - 2506138
新ICP备10201308号-3