ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەر > دىيارىمىز >

ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ بارماقلىرىنى خېمىر يېيىش ماشىنىسى « يەپ» كەتتى

ۋاقىت: 2012-01-05 16:57مەنبە: 未知 يوللىغۇچى: يانتاق ئاۋاتلىقى:

  2 -يانۋار ئازادلىق ئارمىيە 23-دوختۇرخانىسى پۇت -قول تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدىكى كارىۋاتتا مۇ مۇ ئېڭىرغىنىچە ياتاتتى.  مۇمۇ نىڭ تاغىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار قورغاسىتىن شەھىرىمىزگە ئىشىلىگىلى كەلگەن بولۇپ، بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىكەن. مۇ مۇ يەسلى يېشىغا توشمىغاچقا، ئاكىسىنىڭ خۇتۇنى ئۇنىڭغا ۋاقىتىچە قاراۋاتقان ئىكەن.
   ئۇنىڭ تاغىسى مۇنداق دېدى:« ئۇنىڭ ئانىسى ئالدىراش ئىش قىلىۋاتقاچقا، ئۇ خېمىر يېيىش ماشىنىسىنىڭ يېنىدا ئوينىغان. ئۇ چۆپنىڭ ماشىنا ئىچىدىن چىقىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا، ئوڭ قولىنى ماشىنىنىڭ چىشلىق چاقى يۆگەپ كەتكەن. ماشىنىنى  توختاتقاندا توختاتقان ۋاقىتتا مومونىڭ تۆت بارمىقى ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ كەتكەنىدى»
   ئازادلىق ئارمىيە 23-دوختۇرخانىسى پۇت- قول مىكرو تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيبونىڭ دېيىشىچە، مىكرو قۇرۇلمىلارنى ھەسسلەپ چوڭايىتقۇچى ئەينەكتىن قارىغاندا، مۇ مۇ نىڭ قولىنىڭ قەن تومۇرلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.
جاڭ ۋېيبونىڭ دېيىشىچە، بۇ بۆلۈمدىكى 60 تىن ئارتۇق كارىۋاتتىكى كېسەللىكنىڭ كۆپ قىسىمى بالىلار ئىكەن، شۇڭلاشقا ئاتا- ئانىلار بالىلىرىغا دىققەت قىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەككەن.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2011-يىل 5- يانۋار » سانى
 

(تەھرىر:يانتاق)

بىز كىم | ئىلان مۇلازىمىتى | مۇلازىمەت | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ | نەتىجىلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ
Copyright © 2011 Apandim.com 阿凡提新疆门户网版权所有   不良信息举报: 18999100114
ئىلاۋە: بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدى دەپ قارىسىڭىز دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز
بارلىق ھوقۇق ئەپەندىم تور بىكىتىگە مەنسۈپ TEL: 0991 - 2506138
新ICP备10201308号-3